ناۋادا خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشسە

مەنبە:

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2014-03-01 19:06:43

ناۋادا خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشسە

ئەنگىلىيە پۇل مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئانالىزچىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار ئاگاھلاندۇرۇپ، ناۋادا خەلق پۇلىنىڭ باھاسى يەنە ئۈزلۈكسىز كۇرسى چۈشسە، جۇڭگونىڭ كارخانىلىرى مۇرەككەپ مەھسۇلاتلارنىڭ زەربىسىدە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە زىيان تاردىغانلىقىنى ئېيتقان.

جۇڭگونىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كارخانىلىرى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلار نەچچە مىليارد دوللار قىممىتىدىكى قۇرۇلمىلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلات ئۆتكەن بىر يىلدا خەلق پۇلى قىممىتىدە پايدا ئېلىپ كەلگەن، ئەمما خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشىشى ئالدىنقى يىلى7-ئايدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەندىن بارغانسىرى كۈچلۈك بېسىمغا دۈچ كەلگەن.

مورگان سىتەنلىنىڭ ئانالىزچىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بانكىنىڭ بۇ خىل مەھسۇلاتقا بولغان زەربىسىدە مەلۇم بىر نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ قالسا، خەلق پۇلى پىرۋوت نىسبىتى تېخىمۇ ناچار بولغان ۋەزىيەتكە قاراپ مېڭىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىدىن دىرەك بېرىدۇ دىگەن.

بۇ خىل مەھسۇلاتنى قىرغاقتىن ئايرىلغان خەلق پۇلى CNH بىلەن ئەركىن سودا قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۆتۈپ كەتكەن بىر ھەپتىدە، خەلق پۇلنىڭ كۇرسى چوڭ چۈشۈپ كىتىپ، قۇرۇلمىلىق مەھسۇلات ۋە ئىككى پۇل ئارىسىدىكى باھا پەرقىدىن ئالىدىغان پايدا ئارىسىدا بوشلۇق پەيدا قىلىپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەنسىرەتتى.

سەيشەنبە كۈنى خەلق پۇلنىڭ كۇرسى 2005- يىلدىن بۇيان ئەڭ چوڭ نىسبەتتە چۈشۈپ كەتتى.ئالدىنقى يىلى يىل بېشىدىن باشلاپ، بانكا تەخمىنەن 350 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مۇرەككەپ مەھسۇلات سېتىۋالدى. مورگان سىتەنلىنىڭ ئانالىزچىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدە 150 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق توختامى ئاخىرلاشمىغان، بۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگو كارخانىلىرى سېتىۋالغان.

بىر مەبلەغ سالغۇچى بۇ بازارنىڭ ھەقىقەتەن كۆلىمىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۆتۈپ كەتكەن بىر ھەپتىدە خەلق پۇلنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈشى « رىئال خاراكتىرلىك تەسىر» پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلق پۇلنىڭ كۇرسى ئاشسا بۇ سېتقۋالغۇچىلارغا پايدىلىق بولۇپ، ئۆتۈپ كەتكەن بىرقانچە يىلدا كىشلەر قىزغىن مەبلەغ سالغان.

تاشقى پىرۋوت ئانالىزچىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىچە، ناۋادا خەلق پۇلنىڭ پىرۋوت نىسبىتى بىر ئامېرىكا دوللىرى 6.20 يۈەنگە تەڭ بولسا ( تۈنۈگۈنكى پىرۋوت نىسبىتى بىر دوللار 6.11 يۈنە ئەتىراپىدا بولغان.)، بانكىنىڭ مەجبۇرىي رەنىگە قويۇلغان مۇرەككەپ مەھسۇلاتنى يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە خەلق پۇلنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈپ كىتىشى تېزلىشىدىكەن.

مۇرەككەپ مەھسۇلات TRF نى ساقلاپ قالغۇچىلارنىڭ زىيان تارتىدىغىنى بولسا قىرغاقتىن ئايرىلغان خەلق پۇلى CNH ھالقىسىدا 0.1 پەرق ئۆزگەرسە، زىيان تەخمىنەن ھەر ئايدا 200 مىليون دوللار بولىدىكەن. مۇرەككەپ مەھسۇلات TRF نىڭ توختام مۇددىتى 24 ئاي بولۇپ، ناۋادا خەلق پۇلنىڭ باھاسى بىر دوللار 6.20 يۈەندىن تۆەن بولغان ھالەتنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپ قالسا، ئومۇم زىيان تەخمىنەن 5 مىليارد دوللارغا يىتىدىكەن. بارىكلەيىس بانكىسىنىڭ تاشقى پىرۋوت سىتراتىگىيە ئانالىزچىسى ھامىش پېپپېر بۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ كۆپ قىسىمى بىر دوللار 6.20 بىلەن 6.30 يۈەنلىك ئارىسىدا سېتىلغان بولۇپ، بۇ مەسىلە پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى، خەلق پۇلنىڭ كۇرسى يەنە 1.5% چۈشۈشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىن دىرەك بېرىدىكەن.

جۇڭگونىڭ كارخانىلىرى خەلق پۇلنىڭ كۇرسى يەنە چۈشسە ئېغىر ۋەيران بولۇش كىلىپ چىقىدىكەن، چۈنكى يېقىنقى يىللاردىن بېرى سىرتتىن قەرز ئالغان ئومۇم مىقدارى ئېشىپ كەتكەن.

ئامېرىكا پىرىنسېتون ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىرافىسورى Hyun Song Shin خەلقئارا ھېساب ئۈزۈش بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئانالىز قىلغاندىن كىيىن، جۇڭگونىڭ كارخانىلىرى تارقاتقان خەلقئارالىق زايومنىڭ ( كۆپ قىسىمى ئامېرىكا دوللىرى ئارقىلىق ھېسابلىنىدۇ) ئومۇم مىقدارى ئاللىقاچان 2010-يىلنىڭ يىل ئاخىرىدىكى تەخمىنەن 50 مىليارد دوللارلىق ھالەتتىن ئېشىپ ئالدىنقى يىلى يىل ئوتتۇرىدا تەخمىنەن 220 مىليارد دوللارغا يەتكەن دەپ يەكۇن چىقارغان.

مەنبە :باغداش تورىدىن satuk


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有