ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلار بىلىشكە تىگشلىك ئىشلار

مەنبە:

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2014-03-15 21:59:24

تۇركۇملەپ ئىشلەپ چىقىرلىدىغان تاۋارلار ئىچىدە ئالتۇن ئىزچىلسىلنمىچىلار قىزىقىدىغان نوقتىلارنىڭ بىرى ، 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۇنى شەرقى ئاسىيا جۇڭگۇ بايلىق باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى چىن بو شۇەن خەلىق گىزىتى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ،سىلىنمىچىلارنى شۇ چاغدىكى ئالتۇن بازىرىغا مەبلەغ سىلىشتىكىخەتەردىن ئاگاھلاندۇرغان ، ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇزۇن ئوتمەي ، ئالتۇننىڭ بازىرى چوڭ دەرىجىدە تەۋرىنىپ توۋەنگە قاراپ ھەركەت قىلغان ، 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۇنىدىن 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۇنىگىچە خەلىقئارا بازاردا ئالتۇننىڭ باھاسى جەمئى 31% چۇشتى .

ئىككى يىللىق چوڭ تەۋىرنىشتىن كىيىن ئالتۇن باھاسى بۇ يىل بىشىدىن باشلاپ قايتىدىن ئوسۇشكە باشلىدى ، يىل بىشدىن ھازىرغىچە ئالتۇننىڭ باھاسى 10% دىن ئارتۇق ئوسۇپ ، سىلىنمىچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى .

شەرقى ئاسىيا جۇڭگۇ بايلىق باشقۇرۇش ئورنىدىكىلەرنىڭ پەرىزىچە ، ئالتۇن باھا يۇزلىنىشىنى تەھلىل قىلغاندا ، سىلىنمىچىلار ئالدى بىلەن ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كورسىتىدىغان ئىشلارنىڭ قايسى ئىكەنلكىنىئوبدان بىلىۋىلىشى كىرەك .

ئىنىق ئىيىتقاندا ، ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كورسىتىدىغان ئىشلار ئاساسلىقى : نىفىت باھاسى ، دوللارنىڭ پىرۋۇت نىسبىتىۋە ئوسۇم نىسبىتى ، ھەم خەلىقئارالىق ۋەزىيەت قاتارلىقلار . 2008 - يىلى ئىقتىسادى كىرزىس پارتىلاشتىن بۇرۇن ، نىفىت باھاسى چوڭ كولەمدە ئوسكەچكە ، كوپىنچە نىفىت ئىكىسپورىت قىلىدىغان دولەتلەر ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرىقتىكى دولەتلەر نۇرغۇن پايدىغا ئىرىشتى ، ئۇلار قولىدىكى دوللارنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ئۇچۇن كوپ مىقداردا ئالتۇن سىتىۋالدى ، بۇ دەل 2005 - يىلدىن بۇيانقى ئالتۇن بازىرىنىڭ ئوسۇپ كىتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى .

ئۇنىڭدىن باشقا پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇز بىرىش ئىھتىماللىقى ئالتۇننىڭ باھاسىنى تىخىمۇ ئوستۇرۋەتتى ، سىلىنمىچىلار قولىدىكى پۇللىرىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ئۇچۇن كوپ مىقداردا ئالتۇن سىتىۋالدى . 2008 - يىلى ئىقتىسادى كىرزىس پارتىلغاندىن كىيىن ، ئامرىكا فىدىراتسىيە زاپاس پۇل كومتىتى بارلىق پۇل بىسىش ماشىنىسىنى ئىشقا سىلىپ پۇتۇن كۇچى بىلەن دوللار بسىپ تارقاتقاچ ئالتۇننىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئوسۇپ كەتتى .

يۇقارقىلاردىن سىرىت تەمىنلەش ئىھتىياجتىن ئىشىپ كىتىشمۇ ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ ئوسۇپ كىتىشىنىڭ موھىم سەۋەبلىرى ، جۇڭگۇ ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت نوپۇسى كوپ دولەت خەلىقلىرىنىڭ ئالتۇنغا بولغان قىزىقىشى ۋە ئۇ ئىككى دولەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇكسىلىشى ۋە ھەر قايسى دولەت مەركىزى بانكىلىرنىڭ پۇتۇن كۇچى بىلەن ئالتۇن جۇغلىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋاملىق ئوسۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى .

بىراق2011-يىلدىن باشلاپ، بىر تەرەپتىن نىفىت باھاسى ئىزچىل چۇشۇپ كەتكەچ ، يەنە بىر تەرەپتىن تەرەققى تاپقان دولەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ مۇقۇم نىسبەتتە ئەسلىگە كىلىشى ۋە ئامرىكا زاپاس پۇل كومتىتىنىڭ دوللارنى مىقدارلاشتۇرۇپ تارقىتىش سىياسىتىنى تارايتىشى ھەم جۇڭگۇ ، ھىنداستاندەك يىڭىدىن گۇللەنگەن دولەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۇپەيلى ئالتۇننىڭ باھاسىنى ئوستۇردىغان ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچلەر توختاپ قالغانلىقتىن ، ئالتۇننىڭ باھاسى ئوسۇشتىن توختاپ چۇشۇشكە باشلىدى .

2014-يىل كىرگەندىنئالتۇننىڭ باھاسى 1900دوللاردىن 1200 دوللارلىق نوقتىغا چۇشۇپ ، ئالتۇن بازىرىنىڭ خەتىرى زور دەرىجىدە ئازايدى ، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا بازاردا نىفىت باھاسىى تەدىرىجى ئوسۇپ ئالتۇننىڭ ئوسۇشىگە ئنىرگىيە ھازىر بولدى ، شۇنىڭ بىلەن سىلىنمىچىلار ئالتۇن بازىرىغا ئىشەنىچ بىلەن كىرىپ ئالتۇننىڭ باھاسى قايتا ئوسۇشكە باشلىدى .

سىلىنمىچىلارغا نىسبەتەن ئىيىتقاندا ، مەبلەغ سىلىشتا چوقۇم دۇنياغا نەزەر تاشلىيالايدىغان دۇنيانىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى يۇزلىنىشىنى تەھلىل قىلالايدىغان كوز بولۇشى كىرەك ، ئوزىنىڭ بايلىق نىشانى ۋە خەتەرگە تەۋەككۇل قىلالايدىغان ئىقتىدارىغا ئاساسەن مەبلەغ سىلىشى كىرەك ، مۇشۇ شەرىت ئاستىدا بۇ يىل ئوزىنىڭ مەبلەغ سىلىش ئۇسۇلىدا مۇۋاپىق ئاساستا ئالتۇنغا مەبلەغ سىلىشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ .

ئەسكەرتىش : يۇقارقىلار مەلۇم شەخىسنىڭ كوز قاراشلىرى ئۇنى بىردىنبىر سودا ئاساسى قىلۋالماڭ ، ناۋادا زىيان تارتىپ قالسىڭىز، كىلىپ چىققان زىينىڭىزغا ئوزىڭىز ئىگە .

مەنبە ؛ تىڭشۇن تورى.

يوللۇغۇچى باغداش تورىدىن : ساتۇق .


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有