ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا قارىتا ئېكسپورتى ئۈچ يىلدىن بۇيان تۇنجى ئاشتى

مەنبە:

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2014-04-22 16:56:57

يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇخبىرى تيەن خوڭ خەۋىرى،ياپونىيە مالىيە ۋازارىتىنىڭ 21- ئاپرېل ئېلان قىلغان سودا ئىستاتىستىكىلىق دەسلەپكى قىممىتىدە كۆرسىتىلىشچە، ياپونىيەنىڭ 2013- مالىيە يىلى (2013- يىلى 4- ئايدىن 2014- يىلى 3- ئايغىچە) سودا پاسسىپ بالانىسى (يەنى ئىمپورت سوممىسى ئېكسپورت سوممىسىدىن كۆپ بولۇش) 13 تىرىليون 700 مىليارد يېن (824 مىليارد 900 مىليون يۈەن) بولۇپ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %68.5 ئاشقان، ھەمدە ئۇدا ئۈچ يىل 1979- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تارىخى رېكورت ياراتقان. شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان 3- ئايلىق سودا پاسسىپ بالانىسى بىر تىرىليون 400 مىليارد يېن بولۇپ، ئۇدا 21 ئاي پاسسىپ بالانىس كۆرۈلگەن، سوممىسىمۇ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان.

ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشچە، 2013- مالىيە يىلىدا، ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىغا قارىتا ئېكسپورت سوممىسى 13 تىرىليون 200 مىليارد يېن، ئىمپورت سوممىسى يەتتە تىرىليون 100 مىليارد يېن بولۇپ، ئامېرىكا ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت دۆلىتىگە ئايلانغان. ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا قارىتا ئېكسپورت سوممىسى 13 تىرىليون يېن، ئىمپورت سوممىسى 18 تىرىليون 500 مىليارد يېن بولۇپ، ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا قارىتا ئېكسپورتى ئۈچ يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاشقان، ئىمپورت- ئېكسپورت سودا پاسسىپ بالانىشى بولسا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن. ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىش سوممىسى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %43 ئاشقان، جۇڭگودىن ئەقلىيفون ئىمپورت قىلىش سوممىسى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %33 ئاشقان


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有