تەييارماي باھاسى بۇ يىلنىڭ ئىچىدە 2-قېتىم ئۆستى

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-13 16:00:00

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە ، مەملىكەت ئىچىدە بېنزىن ، دېزىل مېيىنىڭ باھاسى 25-ئاپرېلدىن باشلاپ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 155 يۈەن ۋە 145 يۈەن ئۆستۈرۈلىدىغان بولۇپ ، پارچە سېتىلىش باھاسى ھەر لىتىر 90-نومۇرلۇق بېنزىن ۋە 0-نومۇرلۇق دېزىل مېيى (مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە باھا) نىڭ باھاسى 0.11 يۈەن ۋە 0.12 يۈەن ئۆستۈرۈلىدىكەن . بۇ تەييارماي باھاسىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم ئۆسۈشى ھېسابلىنىدىكەن .

مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرقايسى تەييارماي باھا كۆزنەكلىرى 25-ئاپرېلدىن باشلاپ يەنە تەڭشىلىدىغان بولۇپ ، بۇ يىل ئىچىدە تەييارماي باھاسىنىڭ 8-قېتىم تەڭشىلىشى ھېسابلىنىدىكەن . خەلقئارادا ماي باھاسى ئىزچىل ئۆسكەنلىكتىن ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئاپپاراتلارمۇ باھانى تەڭشەشكە مەجبۇر بولغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • مايۈننىڭ بىرىنچى باي بولۇشى، بىر مەيدان ئاپەت بولۇشى مۇمكىن

    ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئىش چىقمىسىلا، ئالىي بابا گۇرۇھى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمىي ھالدا بازارغا چىقىدۇ، مايۈن جۇڭگونىڭ يېڭى بىرىنچى بېيىغا ئايلىنىدۇ لېكىن، چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇنداق جىنايەت گۇماندارى بولغان بىرىنچى بايغا بىز ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىقمۇ؟

  • خېڭدا سۈتچىلىك كەسپىگە قول سوزدى

    خېڭدا گۇرۇھى مۇدرىيەت رەئىسى شۈ جىيايىڭ تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ شەخسىي ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئىچكى موڭغۇلغا تەكشۈرۈش ئۈچۈن بارغان بولۇپ، سۈتچىلىك كەسپىنى تەكشۈرۈش ئېھتىمالى چوڭراق ئىكەن بۇنىڭدىن باشقا، خېڭدا گۇرۇھىنىڭ بىر نەپەر خىزمەتچىسىنىڭ م...

  • دۆلەت ئىچىدىكى تاۋار ماي باھاسى ئۇدا تۆت قېتىم چۈشتى

    مۆلچەر بۇيىچە ھېسابلىغاندا 90- نومۇرلۇق بېنزىن ۋە 0- نومۇرلۇق دىزېل مېيىنىڭ باھاسى پۈتۈن مەملىكەتتە ئوخشاشلا ھەر لىتىرىدا ئايرىم-ئايرىم 0 10 يۈەن ۋە 0 12 يۈەن چۈشىدىكەن بۇ باھا 9- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 24 تىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

  • شىنجاڭدىكى يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مايلىرىنى سېتىش دۇكىنى 100 گە يەتتى

    شىركەت قۇرغۇچىسى ئىلھامجان ئېزىز مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنىڭ تىجارەت ئەندىزىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى، شىركىتىمىز ماشىنىنى تېز ئاسراش مۇلازىمىتىدە سىستېمىلىق ئەندىزە يارىتىشنى مەقسەت قىلغان،

  • بېكخام ئالى بابادا زىيارەتتە بولدى ،مايۈن ئۆزى چىقىپ كۈتىۋالدى

    بېكخام يەنە جۇڭگوغا كەلدى، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بىر تورداش بېكخامنىڭ ئالى بابا شىركىتىدە مايۈن بىلەن بىللە سۈرىتىنى توردا تارقاتقان بولۇپ ، ئىگەنلىنىشىچە بېكخام بىر پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگەن بولۇپ ئالى بابا شىركىتىدە زىيارەتتە بولغ...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有