ۋىيېتنام Samsung نىڭ يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر: kamran

يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-15 12:39:38

تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسىنىڭ 14-ماي خەۋىرى: يېقىندا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەقلىي يانفون شىركىتىSamsungئېلېكتورونچىلىقى كەڭ كۆلەمدە قايتىدىن تەشكىللەشنى پىلانلىغان. پىلاندا ۋىيېتنام كەلگۈسىىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىنغان. ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە،Samsungشىركىتى %80 يانفوننى ۋىيېتنامدا ئشلەپچىقىرىش ئېھتىماللىقى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەقىلىي يانفوننى ئېكسپورت قىلىشتا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىغان چوڭ دۆلەت بولۇشتەك ئورنىنى بېسىشى مۇمكىن ئىكەن.

ۋېيتنام سىتاتىستىكا باش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلىدىكى ئالدىنقى 4 ئايدا، ۋىيېتنام ئېكسپورت قىلغان يانفون ۋە زاپچاسلار 7 مىليارد 600 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %29.3 ئېشىپ، بىرىنچى چوڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا ئايلانغان؛ ئىككىنچىسى توقۇلما بۇيۇملار بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى5 مىليارد 900 مىليوندىن ئاشقان؛ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئاياغ تۈرىدىكىلەر بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى تەخمىنەن 2 مىليارد 850 مىليون ئامېرىكا دوللىرىبولغان.

ۋيېتنام مىدېيەلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگونىڭ يېتەرلىك بولغان ئەرزان ئەمگەك كۈچى مەنبەسىدىن پايدىلىنىپ،Samsungگۇرۇھى ئەقلىي يانفون ئىمپېرىيەسىنى قۇرغان. لېكىن تەننەرخىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ،Samsungگۇرۇھى پايدىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ئاستا-ئاستا ۋىيېتنامغا يۆتكىگەن.

2013-يىلى 3-ئايدا،Samsungگۇرۇھى ۋىيېتنامنىڭ شىمالىدىكى تىخاي نىگۇيىن ئۆلكىسىدە ئومۇمىي مەبلىغى 3 مىليارد 200 مىڭ دوللار بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇنىۋېرسال گەۋدىنى باشلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 2013-يىلى 3-ئايداSamsungئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ۋىيېتنام تىخاي نىگۇيىن شىركىتى2 مىلياردلىق ئۇنىۋېرسال گەۋدە قۇرۇلىشىغا مەبلەغ سېلىشنى باشلىغان. 2013-يىلى 10-ئايدا،Samsungئېلېكتىروۋوز ۋىيېتنام شىركىتى 1 مىليارد 200 مىليون مەبلەغ سېلىشقا باشلاپ تىخاي نىگۇيىن ئۆلكىسىدە يانفون ئېلېكتىرون دېتاللىرى زاۋۇتى قۇرغان.Samsungشىركىتى 2015-يىلى تىخاي نىگۇيىندىكى يېڭى زاۋۇتتا يىللىق مەھسۇلاتىغا 120 مىليون دانە يانفون ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغان بولۇپ،Samsungشىركىتىنىڭ ۋىيېتنامدىكى ھازىرىقى يانفون ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تەخمىنەن 2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئىلگىرىSamsungشىركىتى باكنىن ئۆلكىسىدە يانفون ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرغان.

بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر جەنۇبىي كورىيە شىركىتىLGنىڭ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىمۇ ۋىيېتنامدا كۆلىمى 400 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق زاۋۇت قۇرىۋاتىدۇ.

خوچىمىن شەھىرىگە جايلاشقان جەنۇبىي كورىيە سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورگىنىنىڭ خادىمى مۇنداق قارىغان: كەلگۈسى 2-3 يىل ئىچىدە كارخانىنىڭ جۇڭگودىن ۋىيېتنامغا يۈزلىنىشى تېخىمۇ تېزلەيدۇ، بۇنىڭغا ئاساسلىقى جۇڭگو ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبچى بولغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有