تۇمشۇق شەھىرىنىڭ سانائەت ئىقتىسادىي كىرىمى تېز ئاشتى

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

تەھرىر: zulhayat

يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-21 16:14:35

تۇمشۇق شەھىرى بۇ يىل كەسىپلەر تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرگەنلىكتىن، شەھەرنىڭ بىرىنچى پەسىلدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %80ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %60 ئاشتى.

تۇمشۇق شەھىرى بۇ يىل كۆپ خىل كەسىپنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، سانائەت رايونىدا پاختا توقۇمىچىلىق، فوتو ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويدى. سانائەت رايونىنىڭ سۇ، توك، پار، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ رايونغا ماكانلاشقان كارخانىلار ئۈچۈن ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بەردى. تۈەن – مەيدانلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىش ئورنى ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. نەتىجىدە، بىرىنچى پەسىلدە سانائەت رايونىدىكى كۆلەملەشكەن كارخانىلارنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 760 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %44 ئاشتى.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有