كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دۇنيانىڭ ئىقتىساد قۇرۇلمىسىغا تەسىر يەتكۈزدى

مەنبە: پايدىلنىش خەۋەرلىرى

تەھرىر: kamran

يوللانغان ۋاقتى: 2014-07-23 19:51:12

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كۆپ تەرەپلىمىلىك پۇل مۇئامىلە ئاپىراتى قۇرۇش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئىقتىساد قۇرۇلمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ،لېكىن بۇ ئاپىرات غەرىپ دۆلەتلىرى يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇرۇشتىن كېيىنكى قۇرۇلمىنى پارچىلىۋىتەلمەيدۇ .

ئۆتكەن 70يىلدا ،خەلىقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى دۇنيا ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ ،قىيىنچىلىقتا قالغان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىپ ،ئۇلارنىڭ تەرەققىيات تۈرلىرىنى قوللاپ كەلدى .

لېكىن بۇ ئاپاراتلار ھازىر تەنقىتكە ئۇچرىماقتا ،كىشىلەر بۇ ئاپاراتلاردا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئاساسلىق ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى مۇھىم ئورنى ۋە بارغانسىرى ئېشىۋاتقان ئورنى ئەكىس ئەتتۈرەلمىدى ،دەپ قارىماقتا ،بەزىلەر جۇڭگو يىتەكچىلىكىدىكى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر پۇل مۇئامىلە كېلىشىمى تۈزگەندە ،مۇھىت ئاسراش ۋە چىرىكلىككە زەربە بېرىشكە دېققەت قىلم ايۋاتىدۇ ،دەپ ئەندىشە قىلماقتا .

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر :ھازىرقى چەكلىمىنى تونۇپ يەتتۇق ،بىز دۇنيا پۇل فوندى تەشكىلاتى ياردەم بەرگەن دۆلەتلەرگە بېرىمىز ،دېدى.

بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسسېف :كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر پۇل مۇئامىلە ئاپىراتى قۇرۇش بىرازىلىيەنىڭ خەلىقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىن يىراقلاپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ،دېدى.

مۇشۇ ھەپتە بىرازىلىيە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ،كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى سۆھبىتى ۋە جۇڭگو ئامېرىكا ۋە كارىب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى .بۇ ،خەلىقئارا پۇل مۇئامىلە سېستىمىسىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى ھەم جەنۇبي رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى دەلىللەپ بەردى .

بۇ يىغىن ۋە مۇنبەردە ،ئاساسلىقى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ،لاتىن ئامېرىكا ۋە كارىب رايونىنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىشىغا تۈرىتكە بولىدىغان ئىستىراتىگىيەلەرنى بېكىتتى.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر تەسىس قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان يېڭى تەرەققىيات بانكىسى ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش زاپاس فوندى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ بېرىدۇ ھەم يەنە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق .

بۇ ئىككى ئاپاراتنى قۇرۇشتىكى مەقسەد دۇنيا پۇل مۇئامىلە سېستىمىسىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلشتىن ئىبارەت ،كېسەك ئالتۇنلىرى دۆلەتلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان ئورتاق خىتابنامىدە ،يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بەش ئىقتىسادى گەۋدە ئامېرىكىنىڭ 2010-يىلى ھاسىل قىلغان خەلىقئارا پۇل فوندىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى .

بۇ قارارلاردا يەنە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ كۈچى نامايان قىلىندى ،كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدە نوپوس كۆپ ،زىمىن كۆلىمى 39مىليون 500مىڭ كىۋادىرات مېتىر كېلىدۇ ،تەبىي بايلىقى مول ،ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتى دۇنيانىڭ %25نى ئىگىلەيدۇ .

جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكا ئورتاق گەۋدىسى ھەمكارلىق مۇنبىرى بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەيدانىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ،ئالاقىلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ،مۇقىملىقنى ساقلاش ،ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرىتكە بولۇش ھەتتا كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيانى بارلىققا كەلتۈرۈشكە پايدىلىق .


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有