ئافرىقىدا ئۈمىد بار

مەنبە: پايدىلنىش خەۋەرلىرى

تەھرىر: kamran

يوللانغان ۋاقتى: 2014-08-06 20:00:57

ئافرىقىنىڭ 20يىلدىن بۇيانقى تېز تەرەققىياتى بۇ ئەڭ نامرات چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىدىن ھەم«ئافرىقا شىرى »نىڭ 21-ئەسىردە «ئاسىيا يولۋىسى »ئىقتىسادى گەۋدىسىگە يىتىشىۋېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە ،ئافرىقىنىڭ ئەۋزەللىكى زور مىقداردىكى قېزىلما بايلىقلار ،ياش نوپوسلار ،شۇنداقلا كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتقان ئوتتۇرا بۇرۇژئازلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،بۇ ئەۋزەللىكنى نامراتلىقنىڭ يامراپ كېتىشى ،ئادالەتسىزلىك ،قوراللىق ئۈنسۇرلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى ،شۇنداقلا ئەسكى ئۇل ئەسلىھەلەر يوققا چىقارغان .

خەلىقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئافرىقا ئىقتىسادى گەۋدىسىدە بۇ يىل ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى %5.4 بولىدىغانلىقى ،2015-يىلى %5.8 بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن .

ئامېرىكا ماككىنىسىي مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ 24-ئىيۇل ئېلان قىلغان دوكىلاتىدا دىيىلىشىچە ،نېگىرىيەنىڭ ئىقتىسادى ھازىردىن باشلاپ 2030-يىلىغىچە ھەر يىلى تەخمىنەن %7.1 ئېشىشتەك يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەن ،باش ئىشتابى نىيوۋيوروكتىكى بۇ شىركەتنىڭ ئېيتىشىچە ،نېگىيەنىڭ مۇشۇ سەۋەپتىن دۇنيا ئىقتىسادىدا ئالدىنقى 20كۈچلۈك دۆلەت قاتارىغا كىرىش ھەم فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە نوپوسىدىن ئېشىپ كېتىدىغان ئىستىمالچىلارغا ئىگە بولۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن .

ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋە ئافرىقا ئىقتىساد كومېتىتى ھاۋالە قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا بايان قىلىنغان ئەڭ ئۈمىدلىك ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا ،ئافرىقىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى كىچىككەندە 2050-يىلى ھازىرقىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ بولۇش ھەم شۇ مەزگىلدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم ھازىرقىنىڭ ئالتە سەسسىسىگە توغرا كېلىش ،شۇنداقلا 1مىليارد 400مىليون ئافرىقىلىقنىڭ ئوتتۇر بۇرۇژئازىيەگە كىرىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن .

:ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئىقتىسادى تەرەققىياتنى چەكلەۋاتقان بولسىمۇ ،لېكىن ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا تەسىرگە ئۇچرىغان ئافرىقا دۆلەتلىرى روشەن ئازلىدى .ئافرىقا ئومومىي ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىد بار.

،دېدى .بوغالتىرلىق ئىشلىرى ئورنىنىڭ 15-ماي ئېلان قىلغان ئافرىقىنىڭ 2014-يىلىدىكى جەلىپ قىلىش كۈچىنى تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ،ئافرىقا بۇلتۇر دۇنيا بويىچە %5.7 تاشقى مەبلەغ سېلىش تۈرىگە ئېرىشكەن ،ئون يىل ئىلگىرى بۇ نىسبەت %3.6 ئىكەن ،ئافرىقا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئېيتىشىچە ،بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتا روي خەتكە ئالدۇرغان يېڭى كارخانىلار 400مىڭدىن ئاشقان .


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有