جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالايدۇ

مەنبە:

تەھرىر: akbarjan

يوللانغان ۋاقتى: 2014-11-19 14:21:13

ئاۋسترالىيە تاراتقۇسى ABC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كانبېرراغا يېتىپ بارغان بولۇپ، بۈگۈن كەچلەردە ئاۋسترالىيە بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالايدىكەن. بۇ ئاۋسترالىيەدىكى ئېكسپورت كارخانىلىرى ئۈچۈن غايەت زور سودا پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. ئاۋسترالىيە سۈتى 4 يىل ئىچىدە تاموژنا بېجىسىز جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىدە ئۈمىد بار.

جۇڭگو ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ يارقىن نۇقتىسى شۇكى، ئاۋسترالىيە سودا مىنىستىرلىقى 4 يىل ئىچىدە ئاۋسترالىيەدىكى سۈت فېرمىلىرىغا جۇڭگو بازىرىغا تاموژنا بېجىسىز كىرىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ.

ئاۋسترالىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە ئورگىنى، قۇرۇلۇش مۇلازىمەت كارخانىلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەر جۇڭگو بازىرىغا ئېتىبار بىلەن كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيەگە قاراتقان ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرگە كاتتا خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى.

ئىلگىرىكى مۇمكىنچىلىك دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى 10 يىل ئىچىدە 18 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۈنۈم يارىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاۋسترالىيە جۇڭگودىكى مۇلازىمەت ساھەلىرىنىڭ دۇنياغا كېڭىيىشى ئۈچۈن غايەت زور بازار بوشلۇقى يارىتىپ بېرىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • ۋىيېتنام Samsung نىڭ يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن

    ۋېيتنام سىتاتىستىكا باش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلىدىكى ئالدىنقى 4 ئايدا، ۋىيېتنام ئېكسپورت قىلغان يانفون ۋە زاپچاسلار 7 مىليارد 600 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %29 3 ئېشىپ، بىرىنچى چوڭ ...

  • 2015-يىلى، پۈتكۈل يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېزلىشىدۇ

    خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى لاگاردى 6-ئىيۇل فرانسىيەنىڭ پۇرۇۋاسىكتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىساد يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە يەر شارى ئىقتىسادىي ھەرىكىتى بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كۈچىيىش يولىغا قاراپ مېڭىشى ھەمدە 2015-يىلى ئەسلى...

  • ئافرىقىدا ئۈمىد بار

    ئافرىقىنىڭ 20يىلدىن بۇيانقى تېز تەرەققىياتى بۇ ئەڭ نامرات چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىدىن ھەم«ئافرىقا شىرى »نىڭ 21-ئەسىردە «ئاسىيا يولۋىسى »ئىقتىسادى گەۋدىسىگە يىتىشىۋېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە ،ئافرىقىن...

  • رۇسىيە جۇڭگونى 6000 توننا ھەسەل بىلەن تەمىنلىمەكچى

    رۇسيە باسخىكرىس ھەسەل ھەرىچىلىك ئىلمىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگودىكى بىر كارخانا بۇ تەتقىقات مەركىزى بىلەن ھەسەل بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، رۇسىيە تەرەپ جۇڭگونى 6000 توننا ھەسەل بىلەن تەمىنلەيدىكەن

  • كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنىمۇ پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ

    بىر يىل ئىچىدە بېيجىڭنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش سودا پۈتۈشۈش مىقدارى 2 مىليون 100 مىڭ توننا، جەمئىي سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 104 مىليون يۈەن بولغان كاربون چالا ئوكسىدنى كۆپ قويۇپ بېرىدىغان كارخانىلار كاربون چالا ئوكسىدنى ئاز قويۇپ بېرىدىغان كارخان...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有