ئەنگىلىيىدە كالا سۈتى سۇدىنمۇ ئەرزان

مەنبە: سىنا تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2015-01-13 12:12:17

سىنا تورى خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمسىى

ئەنگىلىيە ئىستېمالچىلىرى تەنتەنە قىلىپ دوپپىسىنى ئاسمانغا ئاتسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى تاللا بازارلىرى ئوتتۇرسىدىكى باھا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن، ھازىر كال سۈتىنىڭ باھاسى سۇدىنمۇ ئەرزان بولۇپ كەتتى. ئەمما بۇنداق كېتىۋەرسە دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنلىرىنىمۇ ئازراق نەس بېسىشى مۇمكىن. مەھسۇلات پارچە سېتىش ژۇرنىلى 《The Grocer》نىڭ دۈشەنبە كۈنى چىقارغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگىلىيىدە ھەر لىتىر يېغى يېرىم ئايرىۋېلىنغان سۈتىنىڭ باھاسى 43 پېننى ( ئەنگىلىيىنىڭ پارچە پۇلى ) بولغان، ئەمما قۇتىلىق سۇنىڭ ھەر لىتىرنىڭ باھاسى 44 پىننى بولغان.

كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دوكلاتتا كۆرسىتىلگىنى ئالاھىدە ئوراپ قاچىلانغان مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتىكى ماركىدىكى سۈتلەر بولۇپ، ھەرگىزمۇ باھاسى تېخىمۇ يۇقىرى داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار ئەمەس. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بۇ تاللا بازارلىرىنىڭ خېرىدار تالىشىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئەۋجىگە چىققانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئەنگىلىيىدىكى 4 چوڭ زەنجىرسىمان تاللا بازىرى Sainsbury، Morrison، ۋورما، شادلىق مال سېتىۋېلىش باغچىسى ، يەنە گېرمانىيىدىكى باھانى تۆۋەنلەتكۈچى پارچە سېتىش سودىگىرى Aldi ۋە Lidl لار تېخىمۇ كۆپ بازارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، يىل بېشىدىن باشلاپ باھا جېڭى قىلىشقا باشلىغان. ھەمدە كالا سۈتى ئاساسلىق جەڭگاھقا ئايلانغان. Sainsbury ۋە شادلىق زەنجىرسىمان دۇكىنىدا ئۆتكەن يىلى 4 خىل ئوراپ-قاچىلانغان سۈتنىڭ سېتىلىش باھاسى 1.39 فۇندېستىرلىڭدىن 1 فۇندېستىرلىڭغا چۈشتى. ۋورمانىڭ قارمىقىدىكى ASDA مۇ باھانى 89 پىننىغا تەڭشىگەن.

ئەمما ئامېرىكىدا ئىستېمالچىلار يۈزلىنىۋاتقىنى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ۋەزىيەت بولۇپ، ئامېرىكا دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پوتلىدا كالا سۈتىنىڭ ئوتتۇرچە سېتىلىش باھاسى 12- ئاينىڭ ئاخىرىدا 2.5 دوللار بولغان، ئەمما بىر يىل ئىلگىرى ئاران 1.48 دوللار بولغان.

ئەمما ئامېرىكىدا ئىستېمالچىلار يۈزلىنىۋاتقىنى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ۋەزىيەت بولۇپ، ئامېرىكا دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پوتلىدا كالا سۈتىنىڭ ئوتتۇرچە سېتىلىش باھاسى 12- ئاينىڭ ئاخىرىدا 2.5 دوللار بولغان، ئەمما بىر يىل ئىلگىرى ئاران 1.48 دوللار بولغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有