ئەنگلىيىدىكى پاخاللىشىش نىسبىتى 15 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە يەتتى.

مەنبە: خېشۈن تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2015-01-15 09:52:49

خېشۈن تورى خەۋرى: باغاداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى

ئەنگىلىيە دۆلەتلىك سىتاستىكا ئىدارىسىنىڭ 13- يانۋار تارقاتقان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگىلىيىنىڭ 12- ئايدىكى پاخاللىشىشى نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكى %1 دىن %0.5 كە تۆۋەنلەپ، يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا بارلىققا كەلگەن. سىتاستىكا ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2014- يىلى 12- ئايدا پاخاللىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە خەلقئارا ماي باھاسىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشى سەۋەب بولغان، ئۇنىڭدىن باشقا نېفىت ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆسۈشى مۆلچەردىكىدىن ئېىشپ كېتىشىمۇ 12- ئايدىكى پاخاللىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

بۇ سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يەنە شۇ ئايدا ئېنېرگىيىدىن باشقا يېمەكلىك، ئىسپىرت، تاماكا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ يادرولۇق ئىستىمال باھا كۆرسەتكۈچى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.3 ئۆسۈپ، ئۆسۈش نىسبىتى %1.2 يۇقىرى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆي سېلىش تەننەرخى ۋە ئىستىمال باھا كۆرسەتكۈچى CPIH كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.6 ئاشقان، ئېتىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %1 تۆۋەن بولغان. بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا ناۋادا ئەنگلىيىدىكى پاخاللىشىش نىسبىتى %1 تۆۋەنلىسە، ئەنگىلىيە مەركىزى بانكسىى ئەنگلىيە مالىيە ۋەزىرىگە ئوچۇق خەت يېزىپ، مال باھاسىنىڭ زىيادە ئاستا ئۆسۈشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. بۇ مارىك كارنىينىڭ ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم پاخاللىشىش نىسبىتى %1 دىن تۆۋەن بولۇپ، مال باھاسىنىڭ زىيادە ئاستا ئۆسۈشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有