ئەنگىلىيىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى تۇنجى قېتىم %6 دىن تۆۋەنلىدى

مەنبە: خېشۈن تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2015-01-22 13:06:23

خېشۈن تورى خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى

ئەنگىلىيە سىتاستىكا ئىدارىسىنىڭ 21- يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، 2014- يىلى 9- ئايدىن 11- ئايغىچە ئەنگىلىيىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.8 بولغان بولۇپ، بۇ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ تۇنجى قېتىم %6 تۆۋەنلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2014- يىلى 9- ئايدىن 11- ئايغىچە، ئەنگلىيىدىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى 1 مىليون 910 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇ سان ئالدىنقى قېتىم سىتاستىكا ئېلىپ بارغان 6- ئايدىن 8- ئايغىچە بولغان ۋاقىتتىكىدىن 58 مىڭ ئادەم ئازايغان.

ئەنگىلىيىدە 16 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %73 بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى نىسبىتى ئالدىنقى پەسىلدىكى بىلەن تەڭلەشكەن. شۇ پەسىلدە ئەنگىلىيىدىكى ئۇمۇمىي ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 308 مىليونغا يېتىپ، ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن 37 مىڭ ئادەم كۆپىيىپ، ئالدىنقى يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 512 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا 2014- يىلى 9- ئايدىن 11- ئايغىچە، ئەنگىلىيدىكى ئىشچىلارنىڭ ئوتتۇرچە ئىش ھەققى سەۋىيىسى داۋاملىق ئېشىپ، ئۆتكەن يىلىقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.7 ئاشقان. ئىشچىلارنىڭ مۇكاپات پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئوتتۇرچە ئىش ھەققى سەۋىيىسى ئۆتكەن يىلىقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.8 ئاشقان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有