يەر شارىنىڭ كۈندىلىك خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 94 مىليون باكقا يەتتى

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-09-20 13:14:48

يەر شارى تورى 20- سېنتەبر خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 19- سېنتەبر ۋېنسۇئېلا نېفىت مىنىسىتىرى دىرپىنو مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ھازىر يەر شارىنىڭ كۈندىلىك نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 94 مىليون باكقا يەتتى، يەر شارىنىڭ خام نېفىت بىلەن تەمىنلەش مىقدارى %10 تۆۋەنلىگەندىلا، ئاندىن تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج تەڭپۇڭلىشىدۇ.

ۋېنسۇئېلا نۆۋەتتە نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنى كېلىشىم تۈزۈپ، نېفىت باھاسىنى ئۆستۈرۈشكە دەۋەت قىلىۋاتىدۇ.

ۋېنسۇئېلا نېفىت مىنىسىتىرى دىرپىنو ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ئىچكى قىسىم تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: نۆۋەتتە يەر شارىنىڭ كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى 94 مىليون باك بولىۋاتىدۇ، بىز ھەر كۈنى 9 مىليون باك نېفىتنى ئاز ئىشلەپچىقارغاندىلا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجىنى تەڭپۇڭلاشتۇرالايمىز.

ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرۇ 18- سېنتەبر مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر خام نېفىت بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئاز قالدى.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئىككى بىسلىق پىچاق

    نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە خەلقئارا نېفىت باھاسى يېقىندا چۈشۈپ كەتتى تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئىككى بىسلىق پىچاق ئىكەن نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى خام نېفىت ئىستېمال قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تەنەرخىنى تۆۋە...

  • ئالتۇن باھاسى ۋە خام نېفىت باھاسىنىڭ ھالىتى

    رېيتېر ئاگېنتلىقى ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە ، ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە كۈنى چۈشكەن ، خام نېفىت باھاسىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشى سەۋەبىدىن ، ئالتۇن كۈمۈش باھاسى تۆۋەنلىگەن ، بىراق ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشى چەكلىك بولغان ، چۈنكى نەق مال ئالتۇن ئېھ...

  • 2014-يىللىق دۇنيادىكى 250 كۈچلۈك ئېنىرگىيە كارخانىسى ئېلان قىلىندى

    دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئېنېرگىيە، نېفىت-خىمىيە، مېتال ۋە يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانا پۇشى ئېنېرگىيە ئۇچۇرى يېقىندا «2014- يىل پۇشى ئېنېرگىيە ئۇچۇرى دۇنيادىكى 250 كۈچلۈك ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ تىزىملىكى»نى ئېلان قىلغان

  • نېفېت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرى ئومۇميۈزلۈك تۈگەشتى

    ماي باھاسىنىڭ چۈشىشى نېفېت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ پۇل قىممىتىگە قاتتىق زەربە بەردى يېقىندا مېكسىكا پېسوسى، بىرازىلىيە رىيالى، نورۋېگىيە كىرونى، كانادا يۈەنىنىڭ قىممى چۈشۈپ ۋەتۋەرىكى چىقىپ كەتتى دۇبەي شەھىرىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىدىن غۇلاپ چۈشىشى

  • پۇتىن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئاچتى، نېفىت باھاسى%2 ئۆستى

    پۇتىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىۋاتقاندا نېفىت باھاسى ئۇشتۇمتۇت ئۆسۈپ كەتتى، نيويوركتا خام نېفىت باھاسى %2 ئۆسۈپ، ھەر تۇق خام نېفىتنىڭ باھاسى 57 6 دوللار بولدى

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有