سودا سانائەت بانكىسى رۇسىيەدە خەلق پۇلى راسچوت كەسپىنى بېجىرىدۇ

مەنبە: جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-09-29 08:48:29

جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى 29- سېنتەبر خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

مەركىزىي بانكا نەچچە كۈن ئىلگىرى ئېلان قىلغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو سودا سانائەت بانكىسى موسكۋا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ رۇسىيەدە خەلق پۇلى راسچوت كەسپىنى بېجىرىشىگە ھوقۇق بېرىشنى قارار قىلدۇق. بۇ خەلق پۇلىنىڭ رۇسىيەدە چېگرا ھالقىپ ئىشلىتىلىشىگە، خەلق پۇلىنىڭ جۇڭگو-رۇسىيە سودا ئىشلىرى ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىشىگە تېخىمۇ قولايلىق شارائىت يارىتىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

سودا سانائەت بانكىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بانكىمىز ئىككى دۆلەت مەركىزىي بانكىسىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا ئىككى دۆلەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، خەلق پۇلى راسچوت كەسپىدىكى مەجبۇرىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق پۇلى راسچوت كەسپىنىڭ ھەر قايسى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بانكىمىزىنىڭ كاپىتال، خېرىدار، تور ، سىستېما ۋە مۇلازىمەت جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خېرىدارلارنى بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك خەلق پۇلى راسچوت كەسپى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有