ياپونىيە جۇڭگو ئالدىدىكى رېقابەت ئەۋزەللىكىنى يوقىتىپ قويماقتا

مەنبە: خېشۈن تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-09-29 10:54:52

خېشۈن تورى 29- سېنتەبر خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

بلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گولدمان گۇرۇھىنىڭ باش ياپونىيە ئىستراتېگىيەچىسى كاتى ماتسىيۇ شياڭگاڭدا ئۆتكۈزلگەن «بلۇمبېرىگ بازار تەسىر كۈچى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى» دا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ياپونىيە ھازىر جۇڭگو ئالدىدىكى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى يوقىتىپ قويىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە ياپونىيەنىڭ بىر قانچە ئاپتوماتلاشتۇرۇش زاۋۇتى جۇڭگودا يامان ئەمەس تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ياپونىيە ئىقتىسادى كۈندىن-كۈنگە جۇڭگوغا مەھسۇلات ئېكىسپورت قىلىش ۋە ياپونىيەگە كېلىدىغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە تايىنىپ قېلىۋاتىدۇ. گولدمان گۇرۇھى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئىستىمال ئېھتىياجىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ، ياپونىيەدە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، پەرۋىش قىلىش، زاكاز يېمەكلىك قاتارلىق كەسپلەردىمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى كۆپىيىۋاتىدۇ.

ماتسىيۇ يەنە مۇنداق دەپ قارىغان، بۈگۈنكى كۈندىكى جۇڭگو ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىكى ياپونىيەدەك ئۇنداق ئۆزىنى چوڭ تۇتىۋالمايدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有