ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەبلەغ سېلىش بانكىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى %15 تۆۋەنلەپ كەتتى

مەنبە: خېشۈن تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-09-29 11:26:55

خېشۈن تورى 29- سېنتەبر خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پۈتكۈل يەر شارىدىكى 12 چوڭ مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ تىجارەت كىرىمى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 تۆۋەنلەپ كەتتى، بۇ پۇل مۇئامىلە كرزىسى پارتلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تۆۋەنلەش چاستۇتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ چوڭ مەبلەغ سېلىش بانكىلىرىنىڭ پاي چېكى، زايوم سودىسى، قوشۇۋېلىشتىن مەسلىھەت بېرىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تىجارەت كىرىمى 79 مىليارد 200 مىليون دوللار بولۇپ، 2015- يىلنىڭ ئالدىقى يېرىم يىلىدا يارىتىلغان 93 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق تىجارەت كىرىمىدىن تۆۋەن بولغان، 2009- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى 140 مىليارد دوللارلىق تىجارەت كىرىمىدىن %50 كە يېقىن تۆۋەن بولغان.

FICC تىن ئەنئەنىۋى مەبلەغ سېلىش كەسپىگىچە ھەممە كەسپىي تۈرلەرنىڭ تىجارەت كىرىمىدە ئوخشاشلا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە FICC تىجارەت كىرىمى %11 تۆۋەنلىگەن، پاي سودا كىرىمى %18 تۆۋەنلىگەن، قوشۇۋېلىشتىن مەسلىھەت بېرىش، پاي، ئاكسىيە تىجارىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت ھەققى %20 تۆۋەنلىگەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有