مىسىردا مال باھاسى ئۆسۈپ، پۇقرالارنىڭ جان بېقىشى تەسكە چۈشتى

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-12-02 18:59:20

يەر شارى تورى 2-دېكابىر خەۋىرى: باغداش تورى تەرجىمىسى

ئامېرىكا قوشما ئىشتات ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر يېقىندا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ 12 مىليارد دوللارلىق قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش قەرز مەبلىغىگە ئېرىشكەن، بىراق كېيىن مىسىر ھۆكۈمىتى قوللانغان تەدبىردىن ئادەتتىكى پۇقرالار بارا-بارا بېسىم ھېس قىلىشقا باشلىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان مىسىردا مال باھاسى ۋە توك باھاسى ئۆرلىگەنلىكتىن، نۇرغۇن مىسىر خەلقى يېمەك-ئىچمەك خىراجىتىنى تېخىمۇ ئىنچىكە ھېسابلاشقا مەجبۇر بولغان، ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەر كونا كىيىملەرنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان، بالىلىرىنى ئوقۇش ھەققى تېخىمۇ ئەرزان مەكتەپكە يۆتكەشنى ئويلىشىشقا باشلىغان، ھەتتا باي ئائىلىلەرمۇ پۇلدىن قىسىلىپ قېلىۋاتقانلىقى ھېس قىلىشقا باشلىغان.

بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن ھۆكۈمەت خادىمى مەھرۇس ئايالىغا ئەسكەرتىش بېرىپ مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئىش ھەققىم بۇندىن كېيىن بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جان بېقىشىغا يېتىشمەيدىغاندەك قىلىدۇ، ھازىر بىز ئىنتايىن جاپالىق ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىمىز. ئالدىنقى ئايدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا توك ھەققى بىر ھەسسە ئۆستى، بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئامالنىڭ بارىچە چىقىمنى ئازايتىشى كېرەك، ئۇلار بالىلىرىغا باھاسى بىر قەدەر ئەرزان، سۈپىتى ئادەتتىكىدەك بولكا، مېۋە شەربىتى ۋە قايماق ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئۇلار ئەمەلدارلارنىڭ نامراتلاردىن بەلنى چىڭ باغلاشتى تەلەپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئاۋۋال ئۆزلىرىنىڭ چىقىمنى ئازايتىپ كۆرۈپ بېقىشىنى تەلەپ قىلغان.

يېقىندا مىسىر خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ 12 مىليارد دوللارلىق قەرز مەبلىغىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىسىر ھۆكۈمىتى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مىسىر پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئەركىن ئۆزگىرىشىگە رۇخسەت قىلدى ھەمدە يېقىلغۇ تولۇقلىمىسىنى ئازايتتى. بۇ تەدبىرلەر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن مىسىر فوندستېرلىڭى %50 پاخاللىشىپ، 18 مىسىر فوندستېرلىڭىغا ئاران 1 دوللار ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان سەۋىيە بارلىققا كەلدى.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • ناۋادا خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشسە

    ئەنگىلىيە پۇل مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئانالىزچىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار ئاگاھلاندۇرۇپ، ناۋادا خەلق پۇلىنىڭ باھاسى يەنە ئۈزلۈكسىز كۇرسى چۈشسە، جۇڭگونىڭ كارخانىلىرى مۇرەككەپ مەھسۇلاتلارنىڭ زەربىسىدە مىليارد ئامېرىكا دولل...

  • ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا قارىتا ئېكسپورتى ئۈچ يىلدىن بۇيان تۇنجى ئاشتى

    يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇخبىرى تيەن خوڭ خەۋىرى،ياپونىيە مالىيە ۋازارىتىنىڭ 21- ئاپرېل ئېلان قىلغان سودا ئىستاتىستىكىلىق دەسلەپكى قىممىتىدە كۆرسىتىلىشچە، ياپونىيەنىڭ 2013- مالىيە يىلى (2013- يىلى 4- ئايدىن 2...

  • تەييارماي باھاسى بۇ يىلنىڭ ئىچىدە 2-قېتىم ئۆستى

    دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە ، مەملىكەت ئىچىدە بېنزىن ، دېزىل مېيىنىڭ باھاسى 25-ئاپرېلدىن باشلاپ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 155 يۈەن ۋە 145 يۈەن ئۆستۈرۈلىدىغان بولۇپ ، پارچە سېتىلىش باھاسى ھەر لىتىر...

  • تۇمشۇق شەھىرىنىڭ سانائەت ئىقتىسادىي كىرىمى تېز ئاشتى

    تۇمشۇق شەھىرى بۇ يىل كۆپ خىل كەسىپنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، سانائەت رايونىدا پاختا توقۇمىچىلىق، فوتو ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويدى

  • ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئايال مەمۇرىي خادىملارنى قۇبۇل قىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى

    جۇڭشىن تورى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى خەۋىرى ،باغداش تورى تەرجىمىسى ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،خانىم –قىزلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ياپونىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا «دۆلەت مەمۇرىي خادىملارنى قۇبۇل قىلىش »يېڭى لاھىي...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有