باي-نامراتلىق پەرقى ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى

مەنبە:

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-03 14:19:36

شىنخۇا تورى 3-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

مەلۇم دەرىجىدىن قارىغاندا، باي-نامراتلىق پەرقى ئامېرىكىنىڭ 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنداقتا ئامېرىكىدىكى باي-نامراتلىق پەرقى قانچىلىك چوڭ؟ ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن ئورگانلار بۇنى ھېسابلاپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېسابلاش نەتىجىسى ئاساسەن دېگۈدەك بىر خىل چىققان، ئامېرىكا نوپۇسىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى %0.1 بولغان باي ئائىلىلەر ئىگە بولغان ئائىلە مۈلكى ئامېرىكىدىكى ئائىلە مۈلكىنىڭ %90 نى ئىگىلەيدىكەن. مەلۇم تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەنكى 30 يىل ئىچىدە ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ %90 نى ئىگىلەيدىغان تۆۋەن قاتلامدىكى ئائىلىلەر ئېرىشكەن بايلىق 13 پوئىنت ئازىيىپ كەتكەن، ئەكسىچە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.1 نى ئىگىلەيدىغان بايلار ئىگە بولغان بايلىق ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن، بۇنىڭ بىلەن بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بارغانسېرى زورايغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有