ئۆتكەن يىلى جۇڭگو كارخانىلىرى ئامېرىكىغا 45 مىليارد 600 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى

مەنبە: خېشۈن تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-03 14:49:40

خېشۈن تورى 3-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2016-يىلى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا سالغان مەبلىغى 45 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن، بىراق ئەڭ يېڭى بىر پارچە دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، دونالد تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرۇشى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بۇ يىل ئۆتكەن يىلقىدەك ئامېرىكىغا كۆپلەپ مەبلەغ سالماسلىقىدىكى ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىكەن.

Rhodium مەسلىھەتچىلىك شىركىتى خاتىرىلىگەن جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا بىۋاسىتە سالغان مەبلىغىنىڭ تېز ئېشىشى يىللىق قوشۇۋېلىش سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 2015-يىلى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرغان. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا شەكىلسىز مۈلۈككە سالغان مەبلىغى تۇنجى قېتىم 100 مىليارد دوللاردىن ئاشقان، نۆۋەتتە جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئامېرىكىدىكى ياللانما خادىمىنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئاشىدۇ.

جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا سالغان مەبلىغىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ھالقىغان چوڭ كارخانىلىرى ئىزچىل جۇڭگودا زاۋۇت قۇردى ۋە باشقا چوڭ قۇرۇلۇشلارغا مەبلەغ سالدى. بىراق باشقا بىر يۆلىنىشتىكى بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش سوممىسى ئىلگىرىكىدىن ئازايغان، بۇ خىل ئەندىزە تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. Rhodium مەسلىھەتچىلىك شىركىتى 11-ئايدا ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2000-يىلدىن بۇيان ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلىغى 228 مىليارد دوللار بولغان، بىراق 2000-يىلدىن بۇيان جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 109 مىليارد دوللار بولغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • ناۋادا خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشسە

    ئەنگىلىيە پۇل مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئانالىزچىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار ئاگاھلاندۇرۇپ، ناۋادا خەلق پۇلىنىڭ باھاسى يەنە ئۈزلۈكسىز كۇرسى چۈشسە، جۇڭگونىڭ كارخانىلىرى مۇرەككەپ مەھسۇلاتلارنىڭ زەربىسىدە مىليارد ئامېرىكا دولل...

  • ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا قارىتا ئېكسپورتى ئۈچ يىلدىن بۇيان تۇنجى ئاشتى

    يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇخبىرى تيەن خوڭ خەۋىرى،ياپونىيە مالىيە ۋازارىتىنىڭ 21- ئاپرېل ئېلان قىلغان سودا ئىستاتىستىكىلىق دەسلەپكى قىممىتىدە كۆرسىتىلىشچە، ياپونىيەنىڭ 2013- مالىيە يىلى (2013- يىلى 4- ئايدىن 2...

  • تەييارماي باھاسى بۇ يىلنىڭ ئىچىدە 2-قېتىم ئۆستى

    دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە ، مەملىكەت ئىچىدە بېنزىن ، دېزىل مېيىنىڭ باھاسى 25-ئاپرېلدىن باشلاپ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 155 يۈەن ۋە 145 يۈەن ئۆستۈرۈلىدىغان بولۇپ ، پارچە سېتىلىش باھاسى ھەر لىتىر...

  • تۇمشۇق شەھىرىنىڭ سانائەت ئىقتىسادىي كىرىمى تېز ئاشتى

    تۇمشۇق شەھىرى بۇ يىل كۆپ خىل كەسىپنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، سانائەت رايونىدا پاختا توقۇمىچىلىق، فوتو ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويدى

  • ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئايال مەمۇرىي خادىملارنى قۇبۇل قىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى

    جۇڭشىن تورى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى خەۋىرى ،باغداش تورى تەرجىمىسى ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،خانىم –قىزلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ياپونىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا «دۆلەت مەمۇرىي خادىملارنى قۇبۇل قىلىش »يېڭى لاھىي...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有