ھىندىستان ئۆسۈم نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ قەرز كەسپىنى جانلاندۇرماقچى

مەنبە: جۇڭگو ئاكسىيە تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-03 16:42:16

جۇڭگو ئاكسىيە تورى 3-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئامانەت قويغۇچىلار زور دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكتىن ھىندىستان دۆلەتلىك بانكىسى باشچىلىقىدىكى ھەر قايسى بانكىلار ئامانەت ئۆسۈم نىسبىتىنى زور دەرىجىدە چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇنداق بولغاندا قەرز تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، قەرز كەسپىنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن.

ھىندىستان دۆلەتلىك بانكىسى يەكشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئاتالمىش مارگىنال تەننەرخ قەرز ئۆسۈم نىسبىتى 90 ئاساسىي نۇقتا چۈشۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى رەنىلىك قەرز مەھسۇلاتى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، بۇ كەسىپ يېتىلىشى ئەڭ تېز ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.

پىنجاپ دۆلەتلىك بانكىسى، كوتاك بانكىسى قاتارلىق باشقا بىر قانچە بانكىمۇ ھەر قايسى قەرەللىك ئۆسۈم نىسبىتىنى 45-90 ئاساسىي نۇقتا چۈشۈرگەن. ئانالىزچىلار تېخىمۇ كۆپ بانكا ئۇلارنىڭ ئىزنى بويلاپ مېڭىشى مۇمكىن دەپ قارىغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有