ئەنگىلىيەدىكى 1-دۇنيا ئۇرۇشى مۇزېيى نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ماتېرىياللارنى ئوغرىلىقچە سېتىۋەتتى

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-09 15:55:08

يەر شارى تورى 9-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدى ئابلىمىت تەرجىمىسى

شياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە ئىمپېرىيە مۇزېيى 1-دۇنيا ئۇرۇشى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ماتېرىياللارنى ساقلىغان، بىراق 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەركىزى بولغان بۇ مۇزېي ئۆتكەنكى 4 يىل مابەينىدە 67 مىڭ دانە قىممەتلىك خاتىرە بويۇمىنى تۆۋەن باھادا سېتىۋەتكەن بولۇپ، بۇلار سىن فىلىمى، كىتاب، ژۇرنال قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ئۇچۇر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيە خەلقى بۇ مۇزىيىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، بىراق مۇزېي ئۆزىنى ئاقلاپ، ئۇلارنىڭ كۇپىيەلەنگەن ماتېرىياللارنى ساتقانلىقىنى، بۇ پۇللارنى ئاممىۋى خىراجەت ئۈچۈن سەرىپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: سېتىۋېتىلگەن بويۇملار 27 مىڭ پارچە سىن ماتېرىيالى، كىتاب، قوليازما ۋە 40 مىڭ پارچىگە يېقىن ژۇرنال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ ماتېرىياللار مەزكۇر مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان بارلىق ماتېرىياللارنىڭ %30 تىنى ئىگىلەيدۇ.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مۇزېي 2015-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئۇسۇلى بىلەن ئومۇمىي قىممىتى 40 مىڭ فودىستېرلىڭغا يېتىدىغان خاتىرە بويۇمىنى سېتىۋەتكەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • لوندوندىكى بايلارنىڭ سانى دۇنيا بۇيىچە بىرىنجى ئۇرۇندا تۇرىدۇ

    چەتئەل تاراتقۇلىرنىڭ 6-ئاۋغۇسىتتىكى خەۋرىرىگە ئاساسلانغاندا،يىڭى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا،ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھرىدە،ھەر 30ئادەمنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ مال-مۈلكى 1مىلىيون دوللاردىن ئاشىدىكەن بۇ سان لوندوننىڭ ئاللىقاچان نىيويورك ۋە توك...

  • ئەنگىلىيىدە كالا سۈتى سۇدىنمۇ ئەرزان

    ئەنگىلىيە ئىستېمالچىلىرى تەنتەنە قىلىپ دوپپىسىنى ئاسمانغا ئاتسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى تاللا بازارلىرى ئوتتۇرسىدىكى باھا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن، ھازىر كال سۈتىنىڭ باھاسى سۇدىنمۇ ئەرزان بولۇپ كەتتى ئەمما بۇنداق كېتىۋەرسە دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنلىر...

  • ئەنگلىيىدىكى پاخاللىشىش نىسبىتى 15 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە يەتتى.

    ئەنگىلىيىنىڭ 12- ئايدىكى پاخاللىشىشى نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكى %1 دىن %0 5 كە تۆۋەنلەپ، يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا بارلىققا كەلگەن سىتاستىكا ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2014- يىلى 12- ئايدا پاخاللىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە خەلقئارا م...

  • ئەنگىلىيىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى تۇنجى قېتىم %6 دىن تۆۋەنلىدى

    ئەنگىلىيە سىتاستىكا ئىدارىسىنىڭ 21- يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، 2014- يىلى 9- ئايدىن 11- ئايغىچە ئەنگىلىيىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %5 8 بولغان بولۇپ، بۇ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ تۇنجى قېتىم %6 تۆۋەنلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن

  • پۈتۈن ئەنگىلىيە لى جياچىڭنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتەي دەپ قالدى

    ئەنگلىيىدىكى سېتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ گېزىت « ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » دا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە- بۇ ئاسىيادىن كەلگەن باي بۈيۈك بېرىتانىيە ئىمپېرىيىسىنى پۈتۈنلەي سېتىۋېلىپ بولاي دەپ قالدى- دەپ كۆرسىتىلدى

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有