ۋولكىس ۋاگىن شىركىتى ئامېرىكىغا 4 مىليارد 300 مىليون دوللار جەرىمانە تۆلەيدىكەن

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-11 09:27:23

جۇڭگو ئاخبارات تورى 11-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەسلەپكى قەدەمدە ھاسىل قىلىنغان بىر كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، ۋولكىس ۋاگىن ئاپتوموبىل شىركىتى بولغىما قويۇپ بېرىشتە ئالدامچىلىق قىلغانلىقتىن ئامېرىكا دائىرىلىرىگە 4 مىليارد 300 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدىكەن.

ۋولكىس ۋاگىن شىركىتى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەلۇم قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن: بىز ئامېرىكا ئەدلىيە ۋە تاموژنا تارماقلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە يۇقىرىقىدەك كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق. بىراق بۇ كېلىشىم ئاخىرىدا ۋولكىس ۋاگىن شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى ۋە نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈشى كېرەك.

ۋولكىس ۋاگىن شىركىتى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: كېلىشىم لايىھەسىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يېتىدىغان جىنايى ئىشلار ۋە ھەق تەلەپ جەرىمانىسى ۋە يەنە كەلگۈسى ئۈچ يىلدا بىر مۇستەقىل تەكشۈرگۈچى تەيىنلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ۋولكىس ۋاگىن شىركىتى بۇندىن ئىلگىرى 19 مىليارد 200 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجرىتىپ بۇلغىما قويۇپ بېرىش سەتچىلىكى ئېلىپ كەلگەن كىرىزىسقا تاقابىل تۇرغان، بىراق بۇ قېتىمقى 4 مىليارد 300 مىليون دوللار جەرىمانە مەزكۇر شىركەتنىڭ كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش خىراجىتىنىڭ 19 مىليون 200 مىليون دوللاردىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋولكىس ۋاگىن شىركىتى بۇندىن ئىلگىرى 15 مىليارد دوللار جەرىمانە تۆلەپ، ئامېرىكا مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى بىلەن ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەق تەلەپ ماجىراسىنى ھەل قىلىشقا قوشۇلغان ئىكەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • ۋىيېتنام Samsung نىڭ يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن

    ۋېيتنام سىتاتىستىكا باش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلىدىكى ئالدىنقى 4 ئايدا، ۋىيېتنام ئېكسپورت قىلغان يانفون ۋە زاپچاسلار 7 مىليارد 600 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %29 3 ئېشىپ، بىرىنچى چوڭ ...

  • 2015-يىلى، پۈتكۈل يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېزلىشىدۇ

    خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى لاگاردى 6-ئىيۇل فرانسىيەنىڭ پۇرۇۋاسىكتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىساد يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە يەر شارى ئىقتىسادىي ھەرىكىتى بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كۈچىيىش يولىغا قاراپ مېڭىشى ھەمدە 2015-يىلى ئەسلى...

  • ئافرىقىدا ئۈمىد بار

    ئافرىقىنىڭ 20يىلدىن بۇيانقى تېز تەرەققىياتى بۇ ئەڭ نامرات چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىدىن ھەم«ئافرىقا شىرى »نىڭ 21-ئەسىردە «ئاسىيا يولۋىسى »ئىقتىسادى گەۋدىسىگە يىتىشىۋېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە ،ئافرىقىن...

  • جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالايدۇ

    جۇڭگو ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ يارقىن نۇقتىسى شۇكى، ئاۋسترالىيە سودا مىنىستىرلىقى 4 يىل ئىچىدە ئاۋسترالىيەدىكى سۈت فېرمىلىرىغا جۇڭگو بازىرىغا تاموژنا بېجىسىز كىرىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ

  • رۇسىيە جۇڭگونى 6000 توننا ھەسەل بىلەن تەمىنلىمەكچى

    رۇسيە باسخىكرىس ھەسەل ھەرىچىلىك ئىلمىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگودىكى بىر كارخانا بۇ تەتقىقات مەركىزى بىلەن ھەسەل بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، رۇسىيە تەرەپ جۇڭگونى 6000 توننا ھەسەل بىلەن تەمىنلەيدىكەن

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有